ئۇيغۇرلارنى قوللىغان يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ تور بېتى خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئۇيغۇرلارنى قوللىغان يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ تور بېتى خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، داڭلىق ئوچۇق كودلۇق تېكىست تەھرىرلەش يۇمشاق دېتالى «Notepad++» جازا لاگېرلىرىدا باستۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن 31-ئۆكتەبىر «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ناملىق يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تور بېتى قىسقا ۋاقىتتىن كېيىنلا خىتايلارنىڭ ھاقارەتلىك ئىنكاسلىرىغا توشۇپ كەتكەن.
مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئاچقۇچى كىشى دون ھو (Don Ho) بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى سىياسىغا ئارىلىشىشتىن ئاگاھلاندۇرغانلىقى، بولمىسا بۇ يۇمشاق دېتالىنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئازلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، ئەمما ئۇ ھازىر باشقىلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا سۈكۈت قىلسا، كېيىن باشقىلارمۇ ئۇنىڭ باستۇرۇلۇشىغا سۈكۈت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يۇمشاق دېتالنىڭ يېڭى نەشرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، زور تۈركۈمدىكى خىتايلار دېتالنىڭ Github تور بېتىگە كۆپلىگەن ھاقارەتلىك ئىنكاسلارنى قالدۇرغان ۋە باشقىلارنى بۇ يۇمشاق دېتالنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە چاقىرىق قىلغان. ئەمما دون ھو ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ يالغان ھېساباتلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭدىن سىرت مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ ئورگان تور بېتى خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر نەچچە سائەت تاقىلىپ قالغان.
بۇ خىتايلارنىڭ ئۆزىگە قارشى چىققۇچىلارغا تۇنجى قېتىم ھۇجۇم قوزغىشى ئەمەس بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياللانما تور قوشۇنى يالغان-ياۋىداق ئىنكاس يېزىش، تەھدىت سېلىش، ھاقارەتلەش، تور ھۇجۇمى قوزغاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 877 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2019 16:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق