خىتاي پۇقرالىرى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونلىرىغا بېرىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلدى

خىتاي پۇقرالىرى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونلىرىغا بېرىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلدى

سىنا مالىيە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، فۇجيەن ئۆلكىلىك سودا ئىشلىرى نازارىتى خىتاي پۇقرالىرىنى ۋاقتىنچە تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىغا بېرىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.
خەۋەردە 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بىرلىكتە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ 6-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىغا بېرىشتىن ئاگاھلاندۇرغانلىقى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئاساسەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونلىرىغا بېرىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش مۇددىتىنىڭ 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئۇزارتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشىنىڭ تەپسىلاتىدا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي بولماقتا. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئورگانلارنىڭ رايوندىن دەرھال ئايرىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. جىددىي ئەھۋالغا يولۇققانلارنىڭ دەرھال ساقچىلار ۋە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، شۇ رايوندا تۇرغان كىشىلەرگە نىسبەتەن بىخەتەرلىك تەھدىتى ئىنتايىن چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلچىخانا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرەلمەيدۇ. شۇڭا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خىتاي پۇقرالىرىنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىغا بېرىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالماي مەزكۇر رايونغا بارغانلار خەتەرگە يولۇقسا، ئەلچىخانىنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن كەتكەن چىقىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ».

مەنبە:https://finance.sina.cn/2019-07-11/detail-ihytcitm1220893.d.html?from=wap

بۇ خەۋەر 1258 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2019 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق