مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

10- ئىيۇن مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى (Abim) بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى دەرھال قويۇۋېتىشنى، جازا لاگېرلىرىنى كېچىكتۈرمەستىن تاقاشنى تەلەپ قىلغان.

باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، بارلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلغانلىقى، جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قاتتىق خورلىغانلىقى، دىنىي ۋە مىللىي قىممەت قاراشلىرىنى ئاياغ-ئاستى قىلغانلىقى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلالمايدىغانلىقى ۋە قايتالمايدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ۋە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا بۇيرۇغان،

باياناتتا يەنە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 57 دۆلەت ۋە ئۇلارنىڭ پۇقرالىرىغا خىتاب قىلىنغان بولۇپ، خىتايغا قارىتا زۆرۈر ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكنىڭ ئەمەلىيەتتە زوراۋانلىق ۋە ئادالەتسىزلىكنى قوللىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا يەنە مالايشىيا ھۆكۈمىتى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى خىتايغا قارشى سىياسىي بېسىمنى كۈچەيتىپ ۋە دېپلوماتىيە جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جازا لاگېرلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە مەجبۇرلاشقا چاقىرىق قىلغان.

مەنبە: https://www.malaysiakini.com/letters/479030

بۇ خەۋەر 11302 قېتىم كۆرۈلدى
11/06/2019 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق