سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى قىزلار قۇرئان كۇرسىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

 

18-ماي سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى قىزلار قۇرئان كۇرسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي جەننەت كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرلار ۋە بىر قىسىم تۈرك خەلقى ئىشتىراك قىلدى.


مۇراسىم ئوقۇغۇچى قىزلارنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ: «بىز خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى بولغان پەرزەنتلىرىمىزنى ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ چىقىش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىزنى ئىشلىتىپ، يەسلىدىن باشلاپ تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتتۇق. تەربىيەلىگەن پەرزەنتلىرىمىز ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتىدۇ. بۇ تىرىشچانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسىنى ھازىر كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمىغىنى بىلەن، ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ مېۋىسىنى كۆرەلەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا سەمىمىي بولۇپ، توختىماي ھەرىكەت قىلىش كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى مەسئۇلى ئۆمەر قارىھاجىم سۆز قىلىپ: « ۋەقفى قۇرۇلغان 2012-يىلىدىن بېرى ئاساسلىق نىشانىنى تالانتلىق كىشلەرنى يېتىشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈردى. سۇتۇق بۇغراخاندا تەربىيەلەنگەن پەرزەنتلىرىمىز ھازىر ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتىدۇ ۋە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئەنە شۇلارمۇ ئوقۇشنى قۇرئان كۇرسىدىن باشلىغان. بىز قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپلا تاشلاپ قويماي، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرساق، كەلگۈسىمىزدە ئۈمىد بار» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


مۇراسىمدا قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلاپ خەتمە قىلغان 11 قىزغا تاج كىيدۈرۈلدى، ئارقىدىن قارىي قىزلار ئىمتىھان سۈپىتىدە قۇرئات تىلاۋەت قىلدى.
مۇراسىمدا يەنە ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان مول مەزمۇنلۇق ئىسلامىي شېئىر ۋە ناخشىلار، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەرخىل نومۇرلار كۆرسىتىلدى.
ئاخىردا ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكدە پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.

 

 

 

بۇ خەۋەر 1686 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2019 12:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق