فىلىپپىن خىتاي ئەلچىخانا ئەمەلدارىنى جىددىي چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈردى

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ 2-نومۇرلۇق ئەمەلدارىنى جىددىي چاقىرتىپ، فىلىپپىن پاراخوتلىرىغا قارىتىلغان سۇ زەمبىرەك ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2-ماي خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ 2-نومۇرلۇق ئەمەلدارى جوۋ جىيوڭنى چاقىرىپ، يېقىندا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا چارلاۋاتقان فىلىپپىننىڭ ئىككى پاراخوتىغا سۇ زەمبىرىكى بىلەن ھۇجۇم قىلىشتەك بۇزغۇنچىلىق قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى تالاش-تارتىشتىكى سىكاربورو ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن دەرھال ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي دېڭىزدا تالاش-تارتىش جىددىيلىشىۋاتقان بولۇپ، BBC مۇخبىرى خىتاي پاراخوتىنىڭ فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىگە سۇ زەمبىرىكى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىغا شاھىت بولغان.

BBC نىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا مۇخبىرى جونىسىن ھېد فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىدا بولۇپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان رايوندا خىتاي پاراخوتىنىڭ فىلىپپىن پاراخوتىنى يان تەرەپتىن سوققانلىقىنى كۆرگەن ۋە مەزكۇر ۋەقەنى، شۇنداقلا ئۈچ خىتاي پاراخوتىنىڭ فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىغا ئەگىشىپ ماڭغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى خادىملىرى ئىچىدە ھېچكىم يارىلانمىغان. ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا خىتاينىڭ بۇ خىل تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى ئاساسەن ئومۇملاشقان بولۇپ، خىتاي بىلەن فىلىپپىن ھەر ئىككىسى سكاربورو ئارىلى ئەتراپىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلىتىنىڭ ئىككى پاراخوتى فىلىپپىنغا يېقىن جايدا مارجان خادا تاشنى چارلاۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتىنىڭ فىلىپپىن پاراخوتىغا سۇ زەمبىرەكلىرىنى ئېتىپ، بىر پاراخوتنى بۇزۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم لەيلىمە توسۇق ئورنىتىپ، ئارالنىڭ پۈتۈن كىرىش ئېغىزىنى تاقاپ، كىشىلەرنىڭ بۇ رايونغا كىرىشىنى چەكلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ باياناتىدا بولسا: «30-ئاپرېل خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى خۇاڭيەن ئارىلى (سىكاربورو) رايونىغا بېسىپ كىرگەن فىلىپپىننىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى ۋە ھۆكۈمەت پاراخوتىغا قارىتا قانۇن بويىچە قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتى ئىجرا قىلدى» دېگەنلەر دەۋا قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1111 قېتىم كۆرۈلدى
03/05/2024 19:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق