ياپونىيەنىڭ كۆك تاشلىق كىتابى خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى تەھدىتىگە مەركەزلەشتى

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يېڭى كۆك تاشلىق كىتابتا خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەھدىتىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن خىتاي ياپونىيەنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ياپونىيەنىڭ كۆك تاشلىق كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەھدىتى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەھلىلىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ تەھدىتنى مۇبالىغە قىلغانلىق ۋە تۆھمەت قىلغانلىق، دەپ جار سالغان.

16-ئاپرېل ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق كۆك تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلغان. كۆك تاشلىق كىتابتا خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ رايونغا ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ۋە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتى ۋە شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىقى ئەيىبلەنگەن.

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە 2019-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاي بىلەن ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 16-ئاپرېلدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ياپونىيەنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلغان. ئۇ ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ئارقىلىق خىتاينى ئەيىبلەپ تۆھمەت چاپلىغانلىقىنى، خىتاي تەھدىتىنى مۇبالىغە قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ۋاشىنگتوندىكى سىتىمسون مەركىزى ياپونىيە مەسىلىلىرى مۇدىرى يۇكى تاتسۇمىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە يىلدا خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبلىك، ياپونىيەنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە بولغان ئەندىشىسى كۈچەيگەن. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان دۈشمەنلىشىش ۋە تاجاۋۇزچىلىق سۆز-ھەرىكەتلىرى ياپونىيەنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1431 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2024 17:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق