جازا لاگېرلىرىغا ئالاقىدار زور بىر تۈركۈم ئىچكى ھۆججەتلەر ئاشكارىلاندى

جازا لاگېرلىرىغا ئالاقىدار زور بىر تۈركۈم ئىچكى ھۆججەتلەر ئاشكارىلاندى

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى تورى 16-نويابىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا ئالاقىدار 400 نەچچە بەتلىك ئىچكى ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى دەلىللەشنى يېڭى دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەن.

بۇ ھۆججەتلەرنى مەلۇم خىتاي ئەمەلدارى تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇلار نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئاشكارىلانغان ئەڭ زور بىر تۈركۈم ھۆججەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئاشكارىلانغان ماتېرىياللار 24 ھۆججەتتىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، جەمئىي 403 بەت چىقىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى 200 بەتكە يېقىن ھۆججەت شى جىنپىڭ ۋە باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى سۆزلىرى، 150 بەتكە يېقىن ھۆججەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كونترول قىلىشقا ئالاقىدار ھۆججەت ۋە يوليورۇقلار بولۇپ، بۇلاردىن سىرت يەنە جازا لاگېرىغا قامالغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۆلچەملىك سوئال-جاۋابلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ 2014-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، باستۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن ئاساس سېلىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن بولۇپ، 2016-يىلى چېن چۈەنگو شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى بولغان شى جىنپىڭ خەلقئارا قارشى ئاۋازلارنىڭ چىقىشىنى كۆرۈپ يەتكەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى سۆزلىرىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقلىرى بىلەن كارى بولماسلىقنى تەكىتلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئاتا-ئانىسى جازا لاگېرىغا قامالغانلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش، بولۇپمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتايغا قارشى سۆز-ھەرىكەتلەردە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆلچەملىك سوئال-جاۋاب تەييارلاپ تارقاتقان. بۇ ھۆججەتلەردە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، شۇڭا ئۇزۇن مۇددەت تەربىيىلىنىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. گەرچە ھۆججەتتە ئۇلارنى «جىنايەت ئۆتكۈزمىدى» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما «بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەن سۆز ئارقىلىق ئۇلارنىڭ جازالانغانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتكەن. ھۆججەتتە يەنە ئۇلانىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى شارائىتلار ئىچىدە ھەقسىز تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ كومپارتىيەگە رەھمەت ئېيتىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. دىققەتنى تارتىدىغان يېرى، ھۆججەتتە ئوقۇغۇچىلارغا يوشۇرۇن تەھدىت سېلىنغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ تېزرەك لاگېردىن چىقىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىزمىتى بىلەن ماسلىشىشى، نارازىلىق بىلدۈرمەسلىكى ۋە قالايمىقان گەپ-سۆزلەردە بولماسلىقى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 1078 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2019 16:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق