خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كەررى لامنى ئالماشتۇرۇۋېتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كەررى لامنى ئالماشتۇرۇۋېتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرلىرىنىڭ كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا خوڭكوڭ مەمۇرىي رايونى باشلىقى كەررى لامنى ئالماشتۇرۇۋېتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.
مەزكۇر ئۇچۇرنى ئەنگلىيەنىڭ مالىيە ۋاقتى تورى (Financial Times) ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ قارار ئەمەلىيلەشسە، ئەسلىدە 2022-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان لىنجېڭ يۆئېنىڭ ئورنىغا باشقا نامزاتلار ئالمىشىدىكەن.
تۆت ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان خوڭكوڭدىكى خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى نامايىش ھازىرغىچە ھەل بولماي كەلگەن بولۇپ، بۇ نامايىشلار يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قارشىلىق ھەرىكىتى، دەپ قارالغان. بۇ سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى لىنجېڭ يۆئېنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلى 3-ئايدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئىككى يىغىن» جەريانىدا ئېنىق بولىدىكەن.
خەۋەردە يەنە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ لىنجېڭ يۆئېنى ئالماشتۇرۇۋېتىشتىن بۇرۇن خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنى تىنچلاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقى، ئەكسىچە بولغاندا نامايىشچىلارغا باش ئەگكەنلىك بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مالىيە ۋاقتى تورى بۇ يىل 6-ئايدا ئېلان قىلغان خەۋەردە لىنجېڭ يۆئېنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە ئىستېپانامە سۇنغانلىقىنى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنى رەت قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلغان. لىنجېڭ يۆئېمۇ بۇنداق ئىشنىڭ بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 711 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2019 14:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق