سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى باشلىدى

سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى باشلىدى
19- ئۆكتەبرى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىيدايىتۇللا ئوغۇزخاننىڭ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت بۇرسادا ئالاچى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلىدى.
بۇ پائالىيەتنى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى تۈركىيەدىكى ئۇنۋېرىستېتلاردا ئالا نەتىجە بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھام بىرىش ھەمدە ئۇلارنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاش مەقسىتىدە تەشكىللىدى.
پائالىيەت، 2019- يىلى ۋە 2020- يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇرسىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىىيەتكە شەرقىي تۈركستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىملار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىرى، يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان، بۇرسا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىىسى، ئۇلۇداغ ئۇنۋېرىستېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە ھەي قايسى تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئۇستازلار ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەتنى بۇرسادىكى شەرقىي تۈركسىتانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ دوستىلىرى قوللاپ ساھىبخانلىق قىلدى.
پائالىيەتتە، يېتەكچى ئۇستازلار ئەلاچى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنى تەقدىرنامە، ھەدىيەلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى.
ھەيىئەت يەنە بۇرسادا ئوقۇۋاتقان ئونۋېرىستېت ئوقۇغۇچىلىرىنى زىيارەت قىلپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھاياتىدا قىينچىلىق بار ياكى يوقلىقىنى ئىگىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى رولى، خەلقىمىزنىڭ شەرقىي تۈركسىتان داۋاسىدا ئۇلاردىن كۈتۈلىۋاتقان ئۈمىتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

بۇ خەۋەر 1190 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2019 22:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق