ئىستانبۇلدا خىتاي كونسۇلى ئورۇنلاشتۇرغان مراسىمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا خىتاي كونسۇلى ئورۇنلاشتۇرغان مراسىمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
27-سېنتەبىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى چىراھان سارىيىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن مۇستەملىكىنىڭ باشلىنىش كۈنىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى»غا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشچىلار خىتايغا قارشى شوئارلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ مازىرى بولىدۇ»، «ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.


نامايىشچىلار يەنە خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 70 يىللىق قانلىق تارىخىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. باياناتتا خىتاينىڭ 70 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملارنى سالغانلىقىنى، 70 يىل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماتەم كۈنى بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن خىتايغا قارشى تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈۋاتقان خوڭكوڭ خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىسىتان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
چىراھان سارىيى ئىچىدە خىتاينىڭ كونسۇلى خادىملىرى ۋە بىر قىسم ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان خىتاينىڭ يالاقچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەملىكە كۈنىنى تەبرىكلىگەن بولسا، ساراي سىرتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇشقا باشلىغان 70 يىللىق قانلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىشىغا قارشى تۇرغان ئۆزگىچە مەنزىرە شەكىللەندى.
قولى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇراسىمىغا يەنە ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمام ئوغلىمۇ ئىشتىراك قىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى شەرقىي تۈركسىتاننى مۇستەملىكە قىلىۋالغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.

مۇراسىمغا قاتناشقان خىتاينىڭ يالاقچىلىرى:

 

بۇ خەۋەر 846 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2019 17:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق