تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە ئەدىب ئابلىكىم باقىنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا سالدى

تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە ئەدىب ئابلىكىم باقىنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا سالدى

تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە ئەدىب ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر 2000-يىلدىن باشلاپ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا تەھرىر بولۇپ ئىشلەپ، 2017-يىلى 8-ئايدا پېنسىيەگە چىققان ئىدى. ئۇ كېسەللىك سەۋەبى بىلەن بۈگۈن، يەنى 2019-يىل 8-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتتى.

ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ ۋاپاتى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ سەبداشلىرى، كەسىپداشلىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئوقۇغۇچىلىرىنى چەكسىز قايغۇغا چۆمدۈردى.

8-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىغا قاراشلىق فايىرفاكس رايونى ۋە ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتى مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئايالى دىلبەر خانىم ۋە پەرزەنتلىرىدىن كۆڭۈل سورىدى ۋە مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇسىنى بىلدۈردى.

8-ئاۋغۇست كۈنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەنە بىر يۇلتۇزىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقىمىزگە ۋە مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈردى.
8-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرۈشىگە قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن بىر چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى 9-ئاۋغۇست كۈنى چۈشۈرۈلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1152 قېتىم كۆرۈلدى
09/08/2019 16:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق