ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشى ھەققىدە قارار لايىھەسى ماقۇللىدى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشى ھەققىدە قارار لايىھەسى ماقۇللىدى

يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيەسى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى دۆلەتلىك ھەيئىتى 2-ئاۋغۇست يېڭى قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، خىتاينىڭ فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرى قاتارلىق تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ھەيئەت ئەزاسى شېين باتىيېر بۇ قارار لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى بولۇپ، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز پۈتۈن دۇنيانىڭ بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق جىنايى قىلمىشىنىڭ ھازىرمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ كەچۈرگۈسىز جىنايەت تارىخنىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك بىر پارچىسى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ قالىدۇ».
ئۇ يەنە بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتايدىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش قىلمىشىنىڭ ھازىرغىچە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇنى يېقىنقى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا بۇ قارارنىڭ پارتىيە ئىچىدە بىردەك ماقۇللانغانلىقىنى، ئەمما ئاقساراينىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي تەستىقلىنىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.
ئۇ يەنە مۇخبىرغا كېلەر يىلى بۇ قارار لايىھەسىنى قايتىدىن ئاۋاز بېرىشكە قويىدىغانلىقىنى، دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئوخشاش ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 959 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2019 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق