قەيسەرى ۋىلايەتلىك مەھكىمە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش چىقاردى

قەيسەرى ۋىلايەتلىك مەھكىمە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش چىقاردى

قەيسەرى ۋىلايەتلىك مەھكىمە تۈنۈگۈن ئورگان تور بېتىدە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، قەيسەرىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان.
ئۇقتۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىۋاتقان ئولتۇراق رايوندىن قوغلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ راست ئەمەسلىكى، ئالاقىدار قارارغا بىنائەن 96 ئائىلىلىك ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان مەزكۇر بىنالارنىڭ چېقىلىش ئالدىدا ئىكەنلىكى، بىنادىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىق تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەربىر ئائىلىگە ئايدا 800 لىرادىن ئىجارە ياردەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقانداق ئۇيغۇرنى قايتۇرۇۋەتمەيدىغانلىقى، كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىكى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

مەنبە:http://m.haber7.com/guncel/haber/2876734-uygur-turkleri-hakkindaki-iddiya-cevap-gercek-ortaya-cikti

بۇ خەۋەر 966 قېتىم كۆرۈلدى
09/07/2019 14:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق