ئىراق مۇسۇلمان ئۆلىمالار ھەيئىتى يىغىنىغا ئۇيغۇر ئۆلىمالارمۇ قاتناشتى

 

ئىراق مۇسۇلمان ئۆلىمالار ھەيئىتى يىغىنىغا ئۇيغۇر ئۆلىمالارمۇ قاتناشتى

 

ئىراق مۇسۇلمان ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى 4-ئىيۇلدىن 6-ئىيۇلغىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن مەھمۇد داموللام يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەھمۇد داموللام شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز ئېتىقادىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ۋە زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە سۆزىدە مۇسۇلمان ئۈممىتىنىڭ بىرلىشىشىدە ئۆلىمالارنىڭ رولىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىراق مۇسۇلمان ئۆلىمالار ھەيئىتى 2003-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىزچىل ئاۋاز قوشۇپ كېلىۋاتقان ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

 

 

بۇ خەۋەر 1550 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2019 22:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق