كىرامپ كاررېنبۇر: گېرمانىيە خىتايغا قارشى ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىشى كېرەك

كىرامپ كاررېنبۇر: گېرمانىيە خىتايغا قارشى ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىشى كېرەك

تۈركىيە سول خەۋەرلىرى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلنىڭ پارتىيەسى بولغان خىرىستىيان دېموكراتچىلار ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كىرامپ كاررېنبۇر گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قارشى ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
كىرامپ كاررېنبۇر خىتاينىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغانلىقى، شۇنداقلا گېرمانىيەگە خەتەر بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋەزىيەتتە گېرمانىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئورتاق نۇقتىغا كېلىشى كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي رەقىبى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
گېرمانىيە يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ كەلگەن بولۇپ، كىرامپ كاررېنبۇرنىڭ بۇ باياناتى گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر سەپكە كېلىشى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

بۇ خەۋەر 857 قېتىم كۆرۈلدى
13/06/2019 12:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق