كانادادىكى جاسۇسلۇق قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار قايتا زەربىگە ئۇچرىدى

كانادادىكى جاسۇسلۇق قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار قايتا زەربىگە ئۇچرىدى

خوڭكوڭ جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كانادا مىكمېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى (Mcmaster University) خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ كۇلۇبلۇق سالاھىيىتىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا قارشى سۇنغان نارازىلىق ئەرزى مەغلۇپ بولغان.
بۇ يىل 11-فېۋرال ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم كانادادىكى مىكمېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىگەن. لېكسىيە جەريانىدا بىر خىتاي ئوقۇغۇچى رۇقىيە خانىمنى ھاقارەتلەپ، لېكسىيە مەيدانىنى قالايمىقان قىلغان. كېيىن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئالدىنئالا خىتاي ئەلچىخانىسىغا يەتكۈزگەنلىكى، لېكسىيەنى سىنغا ئېلىپ، ئەلچىخانىغا يوللاپ بەرگەنلىكى ئاشكارىلىنىپ، تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.
خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ پىلانلىق ھەرىكىتى مىكمېستىر ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشنى باشلىغان ۋە 22-سېنتەبىر قارار چىقىرىپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ كۇلۇبلۇق سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان.
خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى بۇ قارارغا قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇنغان بولۇپ، 4-نويابىر مىكمېستىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بۇ ھەقتە قايتا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئاخىرىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق ئەرزى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ سالاھىيەت بىكار قىلىنغاندىن كېيىن كۇلۇبقا تەمىنلىنىدىغان ئىقتىسادىي ياردەم ۋە پائالىيەت ئورنى ئىلتىماس قىلىش، بايانات ئېلان قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلىرى ئەمەلدىن قالىدىكەن.

بۇ خەۋەر 835 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2019 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق