ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچىلارنى رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلىگەن خىتاينىڭ كىتابى مالايشىيادا چەكلەندى

ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچىلارنى رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلىگەن خىتاينىڭ كىتابى مالايشىيادا چەكلەندى

ھەپتىلىك ئاسىيا تورىنىڭ 24-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، مالايشىيا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول پىلانى ۋە كوممۇنىستىك ئىدىيەنى تەشۋىق قىلغان رەسىملىك كىتابقا قارىتا چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.
چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن مالايشىيا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، مەزكۇر كىتابنىڭ كوممۇنىزم ۋە سوتسيالىزم ئىدېئولوگىيەسىنى تارقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ جەرياندا بۇرمىلانغان ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان پاكىتلارنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مالايشىيا باش مىنستىرى ماھاتىر مۇھەممەدمۇ بۇ رەسىملىك كىتابنى تەنقىد قىلىپ، مالايشىيا ياشلىرىنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قىلىنغان ھەرىكەتلەرنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، گەرچە مالايشىيا خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول پىلانىنى قوللاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى تەشۋىق قىلىشى ۋەزىپىسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى خىتاي مىللىتىدىن بولغان مالايشىيا گىراژدانى چيۇ گۇاڭياۋ بولۇپ، بۇرۇن دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇ رەسىملىك كىتابىدا خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپلا قالماي، يەنە جازا لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللىغان مالايشىيالىقلارنى رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. مالايشىيادىكى كۆپلىگەن ھەرساھە زاتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
گەرچە چيۇ گۇاڭياۋ باش مىنىستىر ماھاتىرنىڭ ئاپرېل ئېيىدا بۇ كىتابنى شى جىنپىڭغا سوۋغا قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما باش مىنسىتىر ئىشخانىسى بۇنى ئىنكار قىلغان.

بۇ خەۋەر 1058 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2019 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق