سەئۇدى ئەرەبىستان ھاجىلارنى سىياسى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئاگاھلاندۇردى

سەئۇدى ئەرەبىستان ھاجىلارنى سىياسى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئاگاھلاندۇردى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان جىددە شەھىرىدە ئېچىلغان ئىچكى كابېنىت يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھاجىلارنى پەقەت ئىبادەت بىلەنلا مەشغۇل بولۇشقا چاقىرىپ، سىياسىي شوئار ۋە ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرغان.
باياناتتا ھەجنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە ھۇزۇرىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەكلىكى، سىياسىي مەزمۇن ۋە مەزھەپچىلىك تۈسىدىكى ھەرقانداق سۆز-ئىبارە ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى، يۇقىرقى يوليورۇقلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ سادىر بولماسلىقى ئۈچۈن، تېگىشلىك تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما قايسى خىل تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.

بۇ خەۋەر 2873 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2019 14:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق