ياپونىيە خىتاينىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي رابىيە خانىمغا ۋېزا بەردى

ياپونىيە خىتاينىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي رابىيە خانىمغا ۋېزا بەردى

كيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە خىتاينىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ۋېزا بەرگەن.
خەۋەردە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا كېلەر ھەپتە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىگىرمە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدىكى سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا يول قويغانلىقى، نۆۋەتتە ئەركىن ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيەدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى بىر قاتار پائالىيەتلەرنى پىلانلىغانلىقى، ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئوساكاغا كېلىشى بىلەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1243 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2019 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق