پومپېئو ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ناچار شارائىتى ھەققىدە توختالدى

پومپېئو ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ناچار شارائىتى ھەققىدە توختالدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو 21-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتقۇن قىلىنغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ناچار شارائىتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يىل 21-ئىيۇن خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى بولۇپ، پومپېئو بۇ ئالاھىدە كۈننى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
ئۇ باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ناچار شارائىتلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ۋە قازاق، قىرغىز قاتارلىق باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا ئىنساندەك مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئۇزۇنغا داۋاملىشىدىغان تىنچلىقنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 952 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2019 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق