ئامېرىكا پۇقرالىرى خىتاينىڭ ساھىبجامال ھىيلىسىدىن ئاگاھلاندۇرۇلدى

ئامېرىكا پۇقرالىرى خىتاينىڭ ساھىبجامال ھىيلىسىدىن ئاگاھلاندۇرۇلدى

12-ئىيۇن ئامېرىكا فېدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)نىڭ سان فىرانسىسكودىكى ئىش بېجىرىش ئورنى خىتايغا ساياھەتكە بارغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خىتاينىڭ ساھىبجامال ھىيلىسىدىن ئاگاھلاندۇرغان.
ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشىدا پۇقرالارنىڭ خىتايغا ساياھەت ۋە باشقا ئىشلار ئۈچۈن بارغاندا ئەقلىيفون ۋە كومپيۇتېرلارنى ئىشلەتمەسلىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ خىتايدا تۇرغان مەزگىلىدە نامەلۇم ساھىبجامال قىزلارنىڭ ئۆزلىرىگە تۇيۇقسىز قىلغان يېقىنچىلىقى ۋە ئالاھىدە مۇئامىلىسىدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلىگەن.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە: «ئامېرىكىدا قىزلارنى جەلپ قىلغۇدەك ئىقتىدارىڭىز بولمىسا، خىتايدىكى ئەھۋالىڭىزدىمۇ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئۆزىڭىزگە ئارتۇقچە ئىشىنىپ كېتىپ، ساھىبجامال ھىيلىسىگە ئالدىنىپ قالماڭ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان.

بۇ خەۋەر 791 قېتىم كۆرۈلدى
13/06/2019 12:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق