شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشكەن قېرىنداشلىرىمىز ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشكەن قېرىنداشلىرىمىز ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

. باياناتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
«ئەسسالام ئەلەيكۇم، ئەزىز مۆھتەرەم قېرىنداشلار! بىر نەچچە كۈندىن بۇيان سۇرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان 2000 دىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىق ھەمشىرىلىرىمىز ۋە بالىلارنىڭ سۇرىيەدىن خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقىلىپ، خەلقىمىزنى ساراسىمىگە سالدى. بۇ خەۋەرنىڭ قانچىلىك توغرا ياكى خاتالىقى ئايرىم بىر مەسىلە.
بۇ خەۋەر قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خەلقىمىزنىڭ كىملىكى ئاساسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە بارلىق ئىمكانىيىتى بىلەن ئىسلام، مىللەت ۋە ۋەتەن ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ ئۈمىدى ۋە يېتەكلىگۈچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىمۇ ھەممىدىن بەكرەك پەرىشان قىلدى.
سۇرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان شەرقىي تۈركىستانلىق ھەمشىرىلىرىمىز ۋە نارىسىدە بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە باشقا تەشكىلاتلار جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ ۋە ئالاقە ئورنىتىۋاتىدۇ.
ھەر قېتىم خەلقنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە خەلقنىڭ ئالىملىرىنى ئىزدەيدىغانلىقى ياكى ئۆزى ئىشىنىدىغان كىشىلەردىن ياردەم سورايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى كۈتىدىغانلىقى ئېنىق بىر مەسىلە. بۇ سەۋەبتىن خەلقىمىزنىڭ ئالىملىرىغا خىتاب قىلىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. شۇنداقلا سىياسىي مەيداندا ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددى ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ئەمما بىر ئوچۇم ئىنساپسىز كىشىلەر بۇنى باھانە قىلىپ، مائارىپ جەمئىيىتى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكىگە تىل-ھاقارەت قىلىۋاتىدۇ. بىر قېرىندىشىمىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش، ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىزنىڭ ئىسلامىي، مىللىي، ئەخلاقىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.
بىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئادالەتسىزلىك قىلمايدۇ، ياردەمگە موھتاج بولۇپ قالغاندا، ئۇنى تاشلاپ قويمايدۇ»، «بىر مۇسۇلمان مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرسە، ئاللاھمۇ ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ» دېگەن ھەدىسلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن، قىيىن ئەھۋالدا قالغان قېرىنداشلارغا ياردەم قىلىشنى شەرەپ، مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت دەپ بىلىمىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن سۇرىيەدە قىيىن ئەھۋالدا قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق قىلىۋاتقانلىقىمىزدىن ھېچكىم شەك-شۈبھىدە بولمىغاي.
بىز «كىم مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ بىرەر قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدە بىر قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىپ بېرىدۇ. كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كىشىگە ياردەم قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياردەم قىلىدۇ. كىم بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇ كىشىنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ. كىم بىر قېرىندىشىنىڭ ياردىمىدە بولسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ» (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى)، «غەربتىكى بىر مۇسۇلماننىڭ پۇتىغا تىكەن كىرىپ كەتسە، شەرقتىكى مۇسۇلمان ئۇنىڭ ئاغرىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك» دېگەن ئىسلام دىنىمىزنىڭ شوئارى بويىچە، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرنى بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن مۇسىبەت دەپ قارايمىز ۋە قايغۇرىمىز.
مۆمىنلەر بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ. بەدەننىڭ بىر ئەزاسى ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەن ئاغرىق ھېس قىلغاندەك، مۇسۇلمانلارمۇ بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشكە ئالدىرايدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ تەلىماتى بويىچە، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردى بىزنىڭ دەردىمىز، ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئىمانىي مەجبۇرىيىتىمىز.
بىراق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئۇسۇلغا دىققەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇ مەسىلە باشقا مەسىلىلەرگە ئوخشىمايدىغان نازۇك بىر مەسىلە. بۇ مەسىلىنىڭ كۆرۈنگەن تەرەپلىرى بار، كۆرۈنمەيدىغان تەرەپلىرىمۇ بار. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئەربابلىرى، مۇھىم شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىمىز.
بۇ يەردە شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىر دۆلەت ياكى ھۆكۈمەت ئەمەس. بۇ تەشكىلات مىللىتىمىزنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشتا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ھەر تەرەپلىمە ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىدىغان بىر تەشكىلاتتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن تەشكىلاتىمىز ئىمكانىيەت دائىرىسىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ ھەم كۆرسىتىۋاتىدۇ. تىرىشچانلىق بىزدىن، نەتىجە ئاللاھتىن. بۇ ئىشتا ياخشى نەتىجىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى جانابىي ئاللاھتىن تىلەيمىز.
يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بىز بۇرۇندىن تارتىپلا پۈتۈن كۈچىمىزنى شەرقىي تۈركىستانغا مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ لازىملىقى، شۇنداقلا ھەرقانداق بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدىكى ماجىرالارغا ئارىلاشماسلىقىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ئېنىق ۋە روشەن مەيداندا تۇرۇپ كەلدۇق.
سۇرىيە ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، پۈتۈن كۈچىمىزنى بىزگە پەرز ئەين بولغان ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈش، شۇنداقلا خاتا يەردە تۇرۇپ قالماسلىقتا مەيدانىمىز ئېنىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى باھانە قىلىپ، بۇ مەسىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى مائارىپ جەمئىيىتىمىزگە ئارتىپ، جەمئىيىتىمىز ۋە رەھبەرلىرىمىزگە تىل تەككۈزۈپ، ھاقارەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىنساپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە ئۇلارغا ئاللاھتىن ھىدايەت ۋە ئىنساپ تىلەيمىز. ئەھۋالنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ئەڭ توغرىسىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۆسەك سۆز تارقىتىشتىن، بىرلىك ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىغا يول ئاچىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئىتى

بۇ خەۋەر 1417 قېتىم كۆرۈلدى
09/06/2019 09:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق