قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ سۈرەتلىرى نامايان قىلىندى

 

9-ماي قىرغىزىستان ۋە رۇسىيەدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئۇيغۇر جەڭچىلىرى خاتىرىلىنىپ، نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
1945-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيەسى ناتسىست گېرمانىيەسىنى مەغلۇپ قىلغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپادا ئاخىرلاشقان بىر كۈن بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە 9-ماي كۈنىنى «ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غالىبىيەت كۈنى» دەپ خاتىرىلەپ كەلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنمۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تۆھپە كۆرسەتكەن ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنى ئەسلەپ ۋە ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىش ئۈچۈن، مۇستەقىل بولغان جۇمھۇرىيەتلەردە بۇ كۈن بايرام كۈنى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كەلگەن.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ياشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى جەمئىيىتى رەئىسى ئارتىق ھاجىيوفنىڭ باشچىلىقىدا سۈلھى لۇتپۇللايوف، داداش باباجانوف، مەسىم ياقۇپوف، شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتا ئوردېن-مېداللارغا ئېرىشكەن ئاتاقلىق كىشىلەردىن ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايوف قاتارلىق ئۇيغۇر ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار بېشكەك كوچىلىرىنى ئايلىنىپ، فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باشقا خەلقلەر بىلەن ھەمدەم بولۇپ جەڭ قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئوردېن ۋە مېداللارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نامايىش رۇسىيەنىڭ نوۋوسىبىرسكى شەھىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا خەمىت توختىيوف باشچىلىقىدىكى «ئۇيغۇرلار ۋەتەن جەمئىيىتى»نىڭ ئەزالىرى قاتناشقان. نامايىشچىلار ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى كىيىپ، ئۇيغۇر كىملىكىنى نامايان قىلغان.

بۇ خەۋەر 1401 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2019 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق