سىرىلانكىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكان ۋە ئاپتوموبىللىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

 

دوۋېي تورىنىڭ 7-ماي بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سىرىلانكىنىڭ نىگومبو شەھىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكان ۋە ئاپتوموبىللىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى رۇۋان گۇناسېكارا يەككە تىجارەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كىچىككىنە بىر جېدەلنىڭ دىنىي تۈس ئېلىپ، ئۇلغىيىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ۋەقە كېلىپ چىققانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ بەزى خىرىستىيانلارنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرىغا تاش ئېتىپ، ئاپتوموبىللىرىغا ئوت قويۇۋەتكەنلىكىنى، تەخمىنەن 400 گە يېقىن كىشىنىڭ ئۈنچە-مەرۋايىت دۇكىنىغا بېسىپ كىرىپ، قىممەتلىك ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى بۇلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە سىرىلانكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق كەڭ تارقىلىپ، ئۇلغىيىپ كەتمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن فېيسبۇك، ۋاتسئەپ قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى چەكلىگەنلىكى، نېگومبو شەھىرىدە بىرنەچچە سائەت كوچىدا يۈرۈش مەنئىي قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 4776 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2019 13:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق