ئاسىيا ھەپتىلىكى:ھىندۇنېزىيە ئۇيغۇرلار مەسىلىسدە خىتايغا قارشى تۇرۇشى كېرەك

ئاسىيا ھەپتىلىكى:ھىندۇنېزىيە ئۇيغۇرلار مەسىلىسدە خىتايغا قارشى تۇرۇشى كېرەك

ئاسىيا ھەپتىلىكى تورىنىڭ 13-نويابىر ئېلان قىلغان ئانالىزىدا ھىندۇنېزىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
ئانالىزدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھىندۇنېزىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى جوسېف دوۋونان 15-ئۆكتەبىر ھىندۇنېزىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلامىي تەشكىلاتى بولغان مۇھەممەدىيە تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماش مەسىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلغان. ئەمما تەشكىلات رەھبەرلىرى يىل بېشىدا شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بارغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ياخشى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.
دوۋونان يەنە 21-ئۆكتەبىر ھندۇنېزىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ ئىسلامىي تەشكىلات PBNU بىلەن كۆرۈشۈپ ئوخشاش چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ھىندۇنېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارسۇدىي بۇندىن بۇرۇنقى سۆزلىرىدە ھىندۇنېزىيە ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ باشقا دۆلەتلەرگە ئالاقىدار بولسا، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىگە ئالدىراپ ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئانالىزدا يەنە ھىندۇنېزىيە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسىگە ئاۋاز چىقىرىشى كېرەكلىكى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيالىقلار ئۇيۇشمىسىغا (Asean) ئوخشاش دېپلوماتىك سۇپىلىرى ئارقىلىق بولسىمۇ، خىتايغا بېسىم چۈشۈرۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 757 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2019 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق