دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتايغا ئامېرىكا ماللىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش ھوقۇقى بەردى

دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتايغا ئامېرىكا ماللىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش ھوقۇقى بەردى

ب ب س تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO) 1-نويابىر ھۆكۈم چىقىرىپ، خىتاينىڭ ھەر يىلى 3.6 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئامېرىكا ماللىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش ھوقۇقىنى بەرگەن.
بۇ ھۆكۈم خىتاينىڭ يەتتە يىل بۇرۇن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا سۇنغان ئەرزىگە قارىتا چىقىرىلغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2012-يىلى ئامېرىكىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيە تاختىسى، ئاليۇمىن ماتېرىيالى قاتارلىق 7.3 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى بىر قىسىم خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالغانلىقىغا قارشى نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.
گەرچە بۇ تاموژنا بېجى سوممىسى ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان نەچچە يۈز مىليارد دوللارغا نىسبەتەن يوقنىڭ ئورنىدا بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ سودا كېلىشىمى ئىمزالاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان پەيتتە بۇ ھۆكۈمنىڭ ئېلان قىلىنىشى غۇلغۇلا قوزغىغان. شۇنداقلا خىتاي بۇ ھوقۇقىدىن پايدىلانسا، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سۆھبىتىدە جىددىيچىلىك كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، ھۆكۈم چىقىرىش جەريانىدا مەسىلىنىڭ توغرا ئانالىز قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ يەنە بۇ قارار ئىككى تەرەپنىڭ سودا سۆھبىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 406 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2019 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق