خىتايدا ئېچىلغان خەلقئارا ئىنتېرنېت يىغىنىدا قاتناشقۇچىلار ئىنتېرنېت چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى

خىتايدا ئېچىلغان خەلقئارا ئىنتېرنېت يىغىنىدا قاتناشقۇچىلار ئىنتېرنېت چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 6-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىنتېرنېت يىغىنى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ۋۇجېن بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرى خۇاڭ كۈنمىڭ سۆز قىلىپ، خىتايدا تور ئالاقىسى باشلانغان 25 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھەققىدە توختالغان ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەنلىكىنى پۇرىتىپ ئۆتكەن.
بۇ قېتىملىق خەلقئارالىق ئىنتېرنېت يىغىنىنىڭ تور ئالاقە ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلگەن خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشى تاراتقۇلاردا مۇلاھىزە قىلىنغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. خەۋەردە خىتاينىڭ «ئىنتېرنېت سەددىچىن سېپىلى» ئىچىدە تەرەققىي قىلىپ كەلگەنلىكى، گۇگېل، فېيسبۇك، يۇتيۇب، تىۋىتتېر قاتارلىق خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ تەھدىت دەپ قارىلىپ، خىتايدا ئىزچىل چەكلىنىپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
قىزىقارلىق يېرى، بۇ قېتىملىق ئىنتېرېت يىغىنىغا 80 دۆلەتتىن كەلگەن 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، خىتايدا چەتئەل تور بەتلىرى چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، يىغىن جەريانىدا ھەممىسى تام ئاتلاش دېتاللىرىنى (VPN) ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان.

بۇ خەۋەر 537 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2019 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق