خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈش تەدبىرلىرى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈش تەدبىرلىرى ئاشكارىلاندى
يېقىندا خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى تەمىنات ۋە ياردەملەر بلەن خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش سىياسىتى داۋاملىق يۈرگۈزۈلگەن.
مەزكۇر ئۇچۇرلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئارال شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان خىتايلارغا 50 مو تېرىلغۇ يەر، مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق تۇرالغۇ يەر بۆلۈپ بېرىلىدىغانلىقى، ئۆي سالسا خىتاي دائىرىلىدىن ۋە يەرلىك دائىرىلەردىن قوش تولۇقلىما پۇلى ئالالايدىغانلىقى، ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلسا يەنە 50 مو يەر قېتىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە 70 مىڭ سوم نەق پۇل بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاننى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلەپ ئاققۇنلارنى كۆچۈرۈپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1265 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2019 16:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق