ئاۋسترالىيەدىكى قىسمەت ئۇنىۋېرسىتېتلار خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم قىلغان

ئاۋسترالىيەدىكى قىسمەت ئۇنىۋېرسىتېتلار خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم قىلغان


ئاۋسترالىيە خەۋەر تورىنىڭ 15-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ خەلقئارالىق جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى ئارىسىدا بىۋاسىتە مۇناسىۋەت بارلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يەرشارى تاۋۇش ئالاقىسى شىركىتى (GTCOM) خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى سانلىق مەلۇمات يىغىش شىركەت بولۇپ، ئاۋسترالىيەنىڭ يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. ئاۋسترالىيە ئا ب س قانىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر شىركەت 65 خىل تىلدا سېكۇنتىغا 16 مىڭ سۆز يىغىۋالالايدىكەن. گەرچە شىركەت تەرەپ ئۆزىنىڭ پەقەت دۆلەت ھالقىغان سانلىق مەلۇمات يىغىش شىركىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر شىركەت توپلىغان ئۇچۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن تەمىنلىنىپ، ئۇلارنىڭ خالىغان مەقسەتتە پايلىنىشىغا تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
يەرشارى تاۋۇش ئالاقىسى شىركىتى خۇاۋېي شىركىتى بىلەنمۇ زىچ ھەمكارلاشقان بولۇپ، ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ 5G تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشدىن ۋاز كەچكەن ئىدى.
بۇلاردىن سىرت مەزكۇر شىركەتنىڭ يەنە خىتاينىڭ خەييۈن تېخنولوگىيە شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقى بارلىقى ئاشكارىلانغان. خەييۈن شىركىتى بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆزىتىش سىستېمىسىنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خەۋەردە يەنە ئاۋسترالىيەدە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئۇيۇشمىلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىلىرى بىلەن زىچ ئالاقىدە بولۇپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 563 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2019 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق