پومپېيو خەلقئارانى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

پومپېيو خەلقئارانى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بارلىق دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.
خەۋەردە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو نيۇيوركتا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا تېررورىزمغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە سۆز قىلغان.
مايك پومپېيو يىغىندا يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋە بارلىق دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستاندىكى) باشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ تېررورىزم بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادىنى ۋە كۈلتۈرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەر خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى تەلىپى بويىچە ئىش قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئۇيغۇرلار قاتتىق باستۇرۇلماقتا».
مەلۇم بولۇشىچە، مايك پومپېيو بارلىق دۆلەتلەرگە قاراتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش چاقىرىقىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قىلغان.

بۇ خەۋەر 834 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2019 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق