پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى توسۇشنى تەلەپ قىلدى

پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى توسۇشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھەربىي قىسمىغا تەۋە شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان.
تۈنۈگۈن چاك شۇمېر (Chuck Schumer) قاتارلىق بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر (Mark Esper)غا خەت يېزىپ، خىتاي دائىرىلىرىگە تەۋە شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى قوشۇۋېلىش ئارقىلىق، خاس ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر خەتتە يەنە ئامېرىكىدا سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ھەربىي قىسمىغا تەۋە شىركەتلەرنىڭ ھەربىي مەقسەت ئۈچۈن جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال بۇ شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشى، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 543 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2019 17:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق