شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مەسئۇللىرى دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى يىغىنىغا قاتناشتى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مەسئۇللىرى دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى يىغىنىغا قاتناشتى

 

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن، ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى تەرىپىدىن مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە چاقىرىلغان قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئوتتۇراھاللىقنىڭ ئەھمىيىتى ناملىق يېغىنغا رەسمىي تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
يىغىن 5-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە رەسمى باشلاندى. 
4
كۈن داۋام قىلىدىغان، بۇ يېغىندا ئاساسلىقى قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئوتتۇراھاللىقنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 
يېغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋەكىللىرى بۇ يېغىننى، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئىسلام ۋە ئەرەب ئەللىرىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن مۇھىم بىر پۇرسەت دەپ بىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇھىم شەخسلەر بىلەن كۆرۈشۈپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى

 

بۇ خەۋەر 1534 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2019 16:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق