نورۋېگىيەدە جازا لاگېرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

نورۋېگىيەدە جازا لاگېرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

27-ماي نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا جازا لاگېرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 27-ماي ئوسلودا باشلىنىدىغان «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» تېمىسىدىكى خەلقئارا كىشلىك ھوقۇق يىغىنى ۋە يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقان بىگۇناھ خەلقكە قارىتا دىققىتىنى تارتىشنى مەقسەت قىلغان.
نامايىش مەيدانىدا يېقىندىن بېرى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە شېھىت قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى ۋاقتىدا توسۇلمىسا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ناھەق ئۆلۈپ كېتىشىدەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

 

 

بۇ خەۋەر 1208 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2019 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق