دوكتور ئابدۇسالام شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەرەب دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇدى

 

20-ماي يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەرەب دۇنياسىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
دوكتور ئابدۇسالام ئەرەب ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن «ومن احياها» گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى تارىخىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بېرى مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى ئسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەت يۈرگۈزۈپ، دىنغا ئالاقىدار بارلىق پائالىيەتلەرنى چەكلىگەنلىكىنى تونۇشتۇردى.
«ومن احياها» گۇرۇپپىسى قاتاردىكى ئەرەب ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان گۇرۇپپا بولۇپ، ئۇلار يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان دىنىي چەكلىمىلەرگە قارشى ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاينىڭ دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا فىلىملەرنى ئىشلەپ، شەرقىي تۈركىستاننى خالىسانە تونۇشتۇرغان.

بۇ خەۋەر 1073 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2019 19:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق