شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى

 شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش ئەلچىسىنىڭ شەرقي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى بېلجىرلاشلىرىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ بولغان بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ يەنە ئۆز قىلمىشلىرىنى يوشۇرماقچى بولغانلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەخمەق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى كۆرسىتىلدى.
باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىڭلىغان مەسچىتلەرنى چېقىۋەتكەنلىكى، ھەتتا 800 يىللىق تارىخقا ئىگە كېرىيە ھېيتگاھ جامىسىنىمۇ يوق قىلىۋەتكەنلىكى، خىتاينىڭ «مەسچىت سېلىۋاتىمىز» دېگەن سۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە خىتاينىڭ بەش مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، گەرچە ئۇلارنى خىتايچە ئۆگىتىش، تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ۋە ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن سولىغانلىقىنى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما پىروفېسسور، دوكتور، ئىنژېنېر ۋە بايلارغا ئوخشاش سەرخىللارنىڭ، ھەتتا كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئوخشاشلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ يۇقىرىقى باھانىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغانچىلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ئىتتىپاقى تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

 

بۇ خەۋەر 2115 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2019 13:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق