داڭلىق ئاخبارات قاناللىرىدا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى



13-ماي شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇلى ئۇستاز مەھمۇدجان داموللام ئەرەبلەرنىڭ ۋەتەن قانىلىدا شەرقىي تۈركىستانىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇش ۋە باشقا دىنىي ئىبادەتلىرىنى چەكلىگەنلىكى، دىندار كىشىلەرنى «تېررورچى» دېگەن تۆھمەت بىلەن باستۇرغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

13-ماي يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەرەبلەرنىڭ «قناة الحوار» قانىلىنىڭ نەق مەيدان تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ 70 نەچچە يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «تېررورچى» دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى، جازا لاگېرلىرىدا داڭلىق دوكتور ۋە ئىلىملىك كىشىلەرنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ «تېخنىكا ئۆگىتىۋاتىمىز» دېگەندەك يالغان سۆزلەر بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

-->