خىتايغا قەرز تۆلەش مۇددىتىنىڭ يېقىنلىشىشى قىرغىزىستاننى ئەندىشىگە سالماقتا

خىتاينىڭ قەرزىگە بوغۇلغان قىرغىزىستاننىڭ قەرز قايتۇرۇش ۋاقتى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، قەرزنى قانداق قايتۇرۇش مەسىلىسىدە ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قىرغىزىستاننىڭ خىتايغا قايتۇرىدىغان، بۇندىن ئىلگىرى كېچىكتۈرۈلگەن قەرزىنىڭ تۆلەش قەرەلى توشۇشقا ئاز قالغان بولۇپ، بۇ مەزكۇر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىنىڭ خىتايغا مالىيە جەھەتتىكى بېقىنىشىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ھەققىدە ئەندىشە پەيدا قىلغان.

1991-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان قىرغىزىستاننىڭ يىغىلىپ قالغان ئومۇمىي قەرزى تەخمىنەن 6 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، GDP نىڭ %45 نى تەشكىل قىلغان. بۇ نىسبەت بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى قەرز نىسبىتىدىن تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يۇقىرى سوممىلىق قەرز 2020-يىلى ھۆكۈمەت ئالماشتۇرۇلغاندىن بۇيان قىيىنچىلىق ئىچىدە ئىلگىرىلەۋاتقان، دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادقا نىسبەتەن ئېغىر مەسىلە بولۇپ قالغان.

بۇ قەرزنىڭ تەخمىنەن 1 مىليارد 700 مىليون دوللار قىسمى خىتاي ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسىدىن كەلگەن بولۇپ، 2021-يىلى خىتاي ۋىرۇسى تارقالغان مەزگىلدە 32 مىليون دوللار قەرزنى قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرۈشكە كېلىشىلگەن. ئەمما نۆۋەتتە بۇ كېچىكتۈرۈلگەن قەرزنىڭ تۆلەش مۇددىتى توشۇشقا ئاز قالغان بولۇپ، بۇندىن باشقا نورمال قايتۇرۇشقا تېگىشلىك قەرزى بار ئىكەن. ئەمما خىتاي قىرغىزىستاننىڭ قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى كېچىكتۈرۈش ياكى باشقا ئۇسۇلدا قايتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى رەت قىلغان.

قىرغىزىستان مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئاقىلبېك جاپاروف 2-فېۋرال قىرغىزىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ئۇشتا ئۆتكۈزۈلگەن ھۆكۈمەت يىغىنىدا: «بىز چەت ئەل قەرزىنى قايتۇرۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقتۇق» دېگەن.

ئاقىلبېك جاپاروف يىغىندا يەنە قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن قىرغىزىستاننىڭ خامچوتى 2024-يىلى 400 مىليون دوللار، 2025-يىلى 430 مىليون دوللار، 2026-يىلى 390 مىليون دوللار ئاجرىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1530 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2024 11:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق