خۇاۋېي بىلەن ھەمكارلاشقان شىركەتلەر قارا تىزىملىككە كىرگۈزىلىدىغان بولدى
ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە ئاقساراي بىرلىكتە ئامېرىكىدىكى خۇاۋىي بىلەن ھەمكارلاشقان بارلىق شىركەتلەرنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەرنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئورۇنلارغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى خۇاۋېي شىركىتىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا قىستاققا ئالغان.