تۇران شېئىرىيەت مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر شائىرمۇ قاتناشتى

 

تۇران شېئىرىيەت مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر شائىرمۇ قاتناشتى

-13نويابىردىن 16-نويابىرغىچە تۈركىيەنىڭ ئەدىرنەدە داۋاملىشىدىغان 13-قېتىملىق تۈرك دۇنياسى شېئىرىيەت مۇھاكىمە يىغىنىغا سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر شائىرى ئىمران ئابدۇغېنى سادائىي تەكلىپ قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۇنياسى شېئىرىيەت مۇھاكىمە يىغىنغا 30 دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن شائىرلار قاتناشقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن شائىر ئىمران سادائىيمۇ ئىشتىراك قىلدى.

شائىر ئىمران سادائىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈركچە«يۇرتۇم قالدى»، ئۇيغۇرچە «چىللىغايمەن» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى. بولۇپمۇ سەھنىگە چىقىپ، سەھنىدىكى پىلاكاتلار ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ بولمىغانلىقىدىن كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى تۈرك دۇنياسى مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىغىمۇ ئورۇن بېرىشنى تەلەپ قىلىشى سورۇندىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

يىغىندىن كېيىن تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇسا دۇمان ئىمران سادائىي بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۆزۈر ئېيتتى ھەمدە ئىلگىرى تۈرك دۇنياسى شېئىر مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بىرەر شەرقىي تۈركىستانلىق بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستان بايرىقى قويۇلمىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

18ياشلىق تالانتلىق شائىر ئىمران ئابدۇغېنى سادائىي يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي، نۇرغۇن خەلقئارالىق شېئىر مۇھاكىمە يىغىنىلىرىغا، شېئىر دېكلاماتسىيە مۇسابىقىلىرىگە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

«يۇرتۇم قالدى» ناملىق شېئىرى «كۈلتۈر سانئەت ئەدەبىيات ژۇرنىلى» تەسىس قىلغان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.  بىر نەچچە پارچە شېئىرى «كۈلتۈر سانئەت ئەدەبىيات ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان. ئۇ يەنە ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ناد كېچىسىدە شەرقىي تۈركىستانغا ۋاكالىتەن شېئىر ئوقۇغان.

ياش شائىر يېقىندا يەنە «داملا» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، شېئىر ئىجادىيىتىدە ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى تالانتلىق شائىرىمىز ئىمران سادائىينىڭ جەڭگىۋار، جۇشقۇن شېئىرلارنى ئىجاد قىلىپ، خەلقىمىزنى ئويغىتىشنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە، بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيدۇ.

بۇ خەۋەر 1367 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2019 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق