پومپېئو گېرمانىيەنى خىتاي بىلەن رۇسىيەگە ئورتاق قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

پومپېئو گېرمانىيەنى خىتاي بىلەن رۇسىيەگە ئورتاق قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

8-نويابىر ئامېرىكا ئاۋازى تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى مايك پومپېئو گېرمانىيەنى روسىيە بىلەن خىتايغا ئورتاق قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.
بېرلىن تېمى چېقىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو غەربتكى ئىتتىپاقداشلىرىغا خىتاب قىلىپ، ئەركىنلىك ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن خىتايغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ چاقىرىقىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن خىتايغا تۇرۇشى، گېرمانىيە رۇسىيە ئېنېرگىيەسىگە تايىنىپ قالماسلىقى لازىم، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ 5G تورى قۇرۇلۇشىغا قوشۇلۇشىدىن ئاگاھلاندۇرىمەن».
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ خىتاينىڭ رەزىللىكىنى ئاشكارىلىغان مايك پومپېئونىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «پومپېئو گېرمانىيەدە خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىگە قارا چاپلىدى»دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 893 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2019 12:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق