قازاقىستاندىكى خىتايغا قارشى نامايىشتا نۇرغۇن ئادەم قولغا ئېلىندى
بۈگۈن فىرانسىيە ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىكى خىتايغا قارشى نامايىشتا 26 ئادەم قولغا ئېلىنغان.
نامايىش قازاقىستاننىڭ نۇرسۇلتان بىلەن ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ساقچى تەرەپ ئىككى شەھەردە خىتايغا قارشى نامايىشقا قاتناشقانلاردىن 26 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئالمۇتادا قولغا ئېلىنغان بىر كىشى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشقا چىقىشتىكى مەقسىتىنىڭ قازاقىستاننىڭ خىتايلىشىپ كېتىشىگە ۋە قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان خىتاي زاۋۇتلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نامايىشچىلارنىڭ نامايىش قىلىشتا ئىككى مەقسىتى بار بولۇپ، بىرى سابىق پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايوفنى ئىستېپا بېرىشكە قىستاش ئىكەن. قازاق خەلقى نۇرسۇلتان نەزەربايوفنى پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن بولسىمۇ، بىراق سەھنە ئارقىسىدا تۇرۇپ، ھازىرقى پىرېزىدېنت قاسىم جۈمەرت توقايوفنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىكەن. يەنە بىرى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ قازاقىستاندا قۇرۇۋاتقان چوڭ تىپتىكى زاۋۇتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قىستاش ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشنى مۇختەر ئابلىيازوف(Ablyazov)باشچىلىقىدىكى دېموكراتچىلار تەشكىلاتى تەشكىللىگەن. مۇختەر ئابلىيازوف ئىلگىرى غەربىي ياۋروپاغا قېچپ كەتكەن بانكىر بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن نۇرسۇلتان نەزەربايوف ھاكىمىيىتىنى يىقىتىش ئۈچۈن قەسەم قىلغان ئىكەن.