ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاقساراي خەۋەر ئىشلىرى كاتىپى 6-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىدا باشلىماقچى بولغان ھەربىي ھەرىكىتىنى ئامېرىكىنىڭ قوللىمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا يەنە ئامېرىكىنىڭ دائىش كۈچلىرىنى يوقاتقاندىن كېيىن، قوشنا رايونلارغا داۋاملىق ئەسكەر تۇرغۇزمايدىغانلىقى قوشۇمچە قىلىنغان.
تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بىخەتەر رايون قۇرۇشنىڭ كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى ۋە دائىشنىڭ خەتىرىنى يوقىتىش، شۇنداقلا سۇرىيەلىك كۆچمەنلەرنى بىخەتەر رايونلارغا قايتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ئەردوغاننىڭ سۇرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت باشلاش قارارى ئېلان قىلنغاندىن كېيىن سۇرىيەدىكى كۇرد ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارانى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم چۈشۈرۈپ، ئۆزلىرى كونترول قىلىۋاتقان رايونلارغا ھۇجۇم قىلماسلىققا چاقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.
تۈركىيە ئارمىيەسى ھازىرغا قەدەر سۇرىيەدە ئىككى قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، بىرىنچى قېتىم 2016-يىلىدىكى دائىشقا قارشى، ئىككىنچى قېتىم بولسا 2018-يىلى كۇرد قوغدىنىش قىسمىغا قارشى ھۇجۇم قوزغىغان.