قازاقىستان پىرېزىدېنتىنىڭ خىتاي زىيارىتى قازاقىستان خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتىنىڭ خىتاي زىيارىتى قازاقىستان خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى

ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى تورىنىڭ 2-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىكى بىر قىسىم خەلق قازاقىستان پىرېزىدېنتىنىڭ خىتاي زىيارىتىگە قارشى نامايىش قىلغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستاننىڭ جازائۆزەن شەھىرىدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئامما شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى جۇمرەت توقايوفنىڭ ئىككى كۈنلۈك بېيجىڭ زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.
نامايىشچى خەلق يەنە قازاقىستان بىلەن خىتاي ھەمكارلىقىدىكى 55 سانائەت قۇرۇلۇشى پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، خىتايدىن قەرز ئېلىشنى توختىشىنى تەلەپ قىلغان. ئاخىرىدا ھۆكۈمەت خادىملىرى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ پات يېقىندا نامايىشچىلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، نامايىشچىلار تارقىلىپ كېتىشكە قوشۇلغان.
ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىغا قامالغان قازاق خەلقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، قازاقىستاندىكى خىتايغا بولغان نارازىلىق ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن. خىتايغا قارشى نامايىشلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 888 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2019 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق