خىتاينىڭ ئىستىقلال تور بېكىتىگە خاككېر ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ ئىستىقلال تور بېكىتىگە خاككېر ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى
3-سېنتەبىر كۈنى فوربېس ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاكتىپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا خىتاي تىلىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان «ئىنتىزار» ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 2013-يىلىدىن باشلاپ ئىستىقلال خەۋەر تورى ۋە باشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قۇرغا تور بەتلەرنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن مەخسۇس خاككېر ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەتتە، 2013-يىلىدىن باشلاپ ئىستىقلال قاتارلىق تور بېكەتلىرىگە خاككېر ئورۇنلاشتۇرغان. ئىنتىزار بۇ خەۋەرنى بايقىغاندىن كېيىن بارلىق ئەگەشكۈچىلىرىگە مەزكۇر توربەت قۇرغۇچىلىرىنى بۇ ئۇچۇردىن ۋاقىپلاندۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان.
خىتاي مەخسۇس خاككىر ئورۇنلاشتۇرغان توربەتلەر «istiqlalhaber.com»، «turkistanpress.com»، «uyghur.com» ، «turkistantv.com» «maarip.org»، «wetinim.com»، «istiqlal.net» akademiye.org»، «turkistantimes»، «uyhurtimes»، «weiwuer.com قاتارلىقلار ئىكەن.
شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات مەركىزىمىز ئىستىقلال تورىمىزدىن باشلاپ قول ئاستىمىزدا بولغان بارلىق تور بەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىتاينىڭ توختاۋسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق خاككىر ھۇجۇملىرىغا قارشى داۋاملىق مۇداپىئەدە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالماقتا.
شۇنداقلا گوگۇل شىركىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋىرۇسنى بايقاپ، ئەھۋالنى «ئالما» شىركىتىگە مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار بۇ يىل 2‏-ئايدا ئايفوندىكى بۇ بوشلۇقنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 2825 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2019 10:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق