خىتاينىڭ كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنى قويۇۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى باياناتى خەلقئارانى قايىل قىلالمىدى

خىتاينىڭ كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنى قويۇۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى باياناتى خەلقئارانى قايىل قىلالمىدى

خىتاي مەركىزىي ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئائىلىسىگە قايتقانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.
يىغىنغا ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن تۇنىياز قاتناشقان. ئەركىن تۇنىياز %90 ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىن قويۇۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھازىر بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ مۇخبىرلارنىڭ قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ۋە بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ ناتوغرا مەقسەتتە خىتايغا قارا چاپلىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئېتىراز بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە سۆزىدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ تەربىيەسىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى، ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى»دە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خىزمەت تاپالىغانلىقىنى، ھازىر بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر باياناتى چەتئەلدىكى تاراتقۇلار ۋە شەخسلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ باياناتتىكى سۆزلىرىنى دەلىللىگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ سۆزىگە ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 1162 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2019 20:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق