خىتاي پاراخوتلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ ھەربىي تىكئۇچارىغا ھۇجۇم قىلدى

خىتاي پاراخوتلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ ھەربىي تىكئۇچارىغا ھۇجۇم قىلدى

ئاۋسترالىيە ئا ب س خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن ئاۋسترالىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسى تىكئۇچار بىلەن جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىن ئۆتۈۋاتقاندا خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ لازېر نۇرلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئۇچقۇچى يارىلانغاچقا، بازىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق قىلمىشى تۇنجى قېتىملىق ئەمەس بولۇپ، ئۆتكەن يىلى جىبۇتىدا ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىمۇ خىتاينىڭ لازېر نۇرلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ئامېرىكا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

بۇ خەۋەر 1102 قېتىم كۆرۈلدى
30/05/2019 10:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق