ئامېرىكا خىتاي ماللىرىغا قارىتا تاموژنا بېجىنى يەنە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

 

دەۋر تورىنىڭ 15-مايدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ 300 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ماللىرىغا قارىتا تاموژنا بېجى ئۆستۈرۈشنى پىلانلىغان.
خەۋەردە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىپ، خىتاي تەرەپ ئامېرىكا بىلەن ئاخىرىغىچە ئېلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجى قويۇش ئىمكانىيىتى بولغان 300 مىليارد دوللارلىق خىتاي ماللىرىنى تىزىملاپ چىققانلىقى، بۇ تىزىملىكنىڭ 3805 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، بۇ يەنە تىرامپنىڭ 5-مايدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد تىرامپ خىتاينىڭ 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ماللىرىغا تاموژنا بېجى ئۆستۈرىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان. خىتاي 13-ماي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ 60 مىليارد دوللار قىممىتىكى ماللىرىغا تاموژنا بېجى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 688 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2019 17:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق