ناسا: خىتاي ئالەم بوشلۇقى ھەربىي پىلانىنى يوشۇرۇن داۋاملاشتۇرماقتا

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خىتاينىڭ «پۇقراۋى پىلان» نامىدا ئالەم بوشلۇقى ھەربىي پىلانىنى يوشۇرۇن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ (NASA) باشلىقى بىل نىلسون 17-ئاپرېل ئاۋام پالاتاسى مالىيە كومىتېتىدا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ 2025-يىللىق خامچوتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالەم بوشلۇقىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نىلسون خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۈچەيتكەنلىكىنى ۋە ئالەم بوشلۇقى ھەربىي پىلانىنى پۇقراۋى پىلان نامىدا نىقابلاش ئارقىلىق ئىجرا قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بۇ ساھەدە رىقابەتلىشىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا چوقۇم خىتايدىن بۇرۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئايغا ئورۇنلىشىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى ئۇ خىتاي بىرىنچى بولۇپ ئاي شارىغا ئورۇنلاشقان تەقدىردە ئاينى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ ئېلان قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. نىلسېن يەنە: «خىتاي بۇ ساھەگە نۇرغۇن خىراجەت ئاجراتتى. شۇڭا ئامېرىكا چوقۇم ھوشيارلىقنى ساقلىشى كېرەك» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا «ئارتېمىس 3 ۋەزىپىسى» ئارقىلىق 2026-يىلى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئاي شارىغا ئەۋەتىشنى پىلانلىغان. خىتاي بولسا 2030-يىلىدىن بۇرۇن ئىنسانلارنى ئايغا ئەۋەتىشنى پىلانلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1172 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2024 10:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق