ھىندىستان ئارمىيەسى خىتاينىڭ تەسىرىگە قارشى تىبەتشۇناسلىق كۇرسى تەسىس قىلدى

ھىندىستان ئارمىيەسى خىتاينىڭ تۈرلۈك تەسىر كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئوفىتسېر، ئەسكەرلىرىگە تىبەتشۇناسلىق دەرسى تەسىس قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 27-مارت خەۋەر قىلىشىچە، شالۇ بۇتخانىسى ھىمالايا مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى يېڭى بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇشقا باشلىغان. بۇ ئوقۇغۇچىلار بۇددا دىنى ۋە ھىمالايا تەتقىقاتىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەن ئادەتتىكى باكلاۋۇر ياكى ماگىستىر ئاسپىرانتلىرى بولماستىن، بەلكى ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە ئوفىتسېرلىرى ئىكەن. ئۇلار ئالتە ھەپتە داۋاملىشىدىغان تىبەتشۇناسلىق كۇرسىغا قاتنىشىدىكەن.

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى يەنىلا جىددىي ھالەتتە بولۇپ، ئارىلاپ چېگرا توقۇنۇشلىرى يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبلىك، ھىندىستان ئارمىيەسى دىققىتىنى خىتاي چېگراسىغا قاراتقان. بولۇپمۇ 2020-يىلى لاداخنىڭ شەرقىي چېگراسىدا يۈز بەرگەن خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن كېيىن، ھىندىستان ئارمىيەسى ياش ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئۈچۈن تىبەتشۇناسلىق كۇرسى ئاچقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىبەت رايونىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىل-يېزىقى ۋە يەر تۈزۈلۈشىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىنى نىشانلىغان.

كۇرس دەرسلىكىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئەسكەرلەرگە تىبەت مەسىلىسىنى پىششىق بىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر دەرس ئۆگىتىدىكەن ھەمدە كۇرسانتلار تىبەت بۇتخانىلىرى ۋە يېزىلىرىنى زىيارەت قىلىش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللىنىدىكەن.

تىبەت شەرقىي تۈركىستان، ھىندىستان، خىتاي، نېپال، بۇتان ۋە بېرما بىلەن چېگرالىنىدىغان بولۇپ، تىبەتنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە تەدبىر بەلگىلەشكە ياردەم بېرىدىكەن. بىر قىسىم دۆلەت مۇداپىئەسى تەھلىلچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستان ئەسكەرلىرى بۇ كۇرس ئارقىلىق تىبەت تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىنى چۈشىنەلەيدىكەن. ئۇلار ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىگە ئەۋەتىلگەندە،  ھەر خىل ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچىيىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1802 قېتىم كۆرۈلدى
28/03/2024 12:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق