خىتاينىڭ سىرىلانكىدىكى ۋەكىلى سىرىلانكا ھۆكۈمىتىنى ئاغدرۇشقا ئۇرۇنغان

خىتاينىڭ سىرىلانكىدىكى ۋەكىلى سىرىلانكا ھۆكۈمىتىنى ئاغدرۇشقا ئۇرۇنغان
8- نويابىر ۋول كوچىسى گېزىتى (THE WALL STREET JOURNAL) تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار بىر سىياسەتچى سىرىلانكا ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان.
ماھىندا راجاپاكسا (Mahinda Rajapaksa) 2005-يىلىدىن باشلاپ 2015-يىلىغىچە سىرىلانكىنىڭ پىرزېدېنتى بولغان. ئۇنىڭ ئىنىسى گوتابايا راجاپاكسا (Gotabaya Rajapaksa) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان بولۇپ، سىرىلانكىدا ياشاۋاتقان تامىل مىللىتىنىڭ 30 يىللىق مۇستەقىللىق كۆرىشىنى قاتتىق باستۇرغان.
ماھىندا راجاپاكسا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە سىرىلانكىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىتايدىن مىليارد دوللار قەرز ئالغان. سىرىلانكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قەرز سۈيلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، راجاپاكسا كەنتىگە زور كۆلەمدىكى بىر پورت ياساپ، خىتايغا ھەدىيە قىلغان. بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە سىرىلانكا خىتاينىڭ چەتئەللەرگە كېڭەيمىچىلىك قىلىشتىكى بىر بازىسىغا ئايلىنىپ قالغان.
خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن زىچ ئالاقىسى بولغان راجاپاكسا جەمەتىدىكى ئاكا-ئۇكىنىڭ ئۆتكەن يىلى خىتاينى ئارقا تىرەك قىلىپ تۇرۇپ قىلغان سىياسى ئويۇنلىرى مەغلۇپ بولغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا خىتاي بىلەن زىچ ئالاقسى بولغان راجاپاكسا جەمەتى ھازىرقى ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ چوك رەقىبى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 766 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2019 12:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق